تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 472|ئىنكاس: 5

3يىللىق ساقايمىغان جاراھەتتىن مەسلىھەت سورايمەن.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-12-27 22:21:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ھۆرمەتلىك ئۇستازلار،تورداش دوستلار!كەمىنە دىلكەشتىن ھەرقايسىڭلارغا سالام!تىنىڭلارغا سالامەتلىك ياربولسۇن!ئەمدى سىلەردىن سورايدىغىنىم بولسا مىنىڭ ئازكەم 3يىل بولغان بىرخىل جاھىل خاراكترلىك جاراھەتكە مەسلىھەت بىرىشىڭلارنى سورايمەن.3يىلنىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن.6-ئاي ئەتراپىدا ئومۇرتقا سۆڭەكنىڭ ئاخىرقى ئۇچى يەنى كاسا ئىرىقچىسىنىڭ ئۈسىتى تەرىپىگە ،بەلنىڭ سەل ئاستى قىسىمىغا بىر جاراھەت چىقىپ قالدى.5كۇن ئىچىدە جاراھەت گۈلە چوڭلىقىدا يوغىنىدى.چوڭلارغا دىسەم يەرلىك تىلىمىزدا قوڭى يوغان دەيدىكەن.شۇ يوغانغان ۋاقىتتىلا دوختۇرخانىغا بارماپتىكەنمەن.چوڭلار شۇ يەرنى ئىغىزئالغان ۋاقىتتاكۈچەپ سىقىۋەتسىلا ساقىيىدۇ دەپتى،مەنمۇ 3كۇندىن كىيىن جاراھەت ئىغىزئالغاندىن كىيىن سىقىۋەتسەم،راس دىگەندەك يىرىڭ ئىقىپ چىقىپ كىتىپ 4كۈندىن كىيىن ساقىيىپ كەتتى.شۇنىڭدىن كىيىن ساقىيىپ كەتتى دەپ ئويلاپتىمەن،كىم بىلسۇن 3ئاي ئۆتكەندىن كىيىن شۇئورۇنغايەنە چىقتى.لىكىن دەسلەپتىكىدەك چوڭ ئەمەس.يەنەسقىۋەتسەم يىرىڭ چىقىپ ساقىيىپ كەتتى.3~4ئايدىن كىيىن يەنە چىقتى بۇقىتىمقىسى ئالدىنقى قىتىمقىدەك چوڭ ئەمەس.چوڭ دوختۇرخانىغا باردىم.دوختۇركۆرۇپ جاراھەت چوڭ ئەمەسكەن.جاراھەت چوڭايغاندا كەلسەڭ ئاندىن ترىنى كىسىپ ئىچىدىكى يىرىڭ خالتىسىنى ئىلىۋەتسەك ساقىيىپ كىتىدۇ دىدى.ياللۇغلىنىشقا قارشى دورىلاردىن ئاموكسىللىن،تۇۋباۋ،لوخوڭمىيسۇ دىگەندەك دورىلارنى يىزىپ بەردى.دورىنى يىسەم ھىچ گەپ يوق،دورىنى توختاتساملا 3~4ئايدىن كىيىن يەنە چىقتى.شۇنىڭدىن كىيىن بەك چوڭ چىقسا قوناق دانچىسى چوڭلىقىدا چىقىدۇ.باشقا دوختۇرخانىغا بارساممۇ يەنىلا بەك كىچىككەن،چوڭايغاندا كەلسەڭ ئاندىن ئىلىۋەتكىلى بولىدۇ دەپ قايتۇرىۋەتتى.كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى 3~4ئايدا بىر قىتىم چىقىدۇ.چوڭلىقى يەنلا شۇ قوناق چوڭلىقىدا،ھازىر سىقىۋەتمىسەممۇ يىرىڭ ئۆزلىكىدىن چىقىپ ساقىيىپ قالىىدۇ.3يىل جەريانىدا10قىتىمدىن ئارتۇق چىقىپ بولدى.پەقەتلا ساقايمىدى.ئۇستازلارنىڭ مىنىڭ بۇ باش قىتىنچىلىقىمغا مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.داۋالاش ئامالى بارمىدۇ؟گەرچە جاراھەت ئورنى كىچىك بولغان بىلەن تەكرار چىقىۋەردى.بۇنداق كىتىۋەرسە سەل ئەنسىرەپ قالدىم.تەپسىلى مەسلىھەت بىرىلسە دىگەن ئۈمۈتتە بۇتىمىنى يوللىدىم.يازغانلىرىم سەل قالايمىقان چىقىپ قالدى.باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىمامنى تەستىقلاپ قويغان بولساڭلار.رەھمەت سىلەرگە!3كۇن ئىلگىرى چىقىپ قالغانتى،كەچتە ئۇخلاپ قوپسام يىرىڭ يەنە ئىقىپ چىقىپ كىتىپتۇ.بۈگۈن ساقىيىپ قاپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilkax01 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-27 22:31  6 ~. f7 w4 z3 F- {. w* I' L, t" F2 M
9 F' M6 a& P) X0 M) G

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-12-27 23:42:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىز مۇيلۇقراق ئوخشىمامسىز؟ يەنى بەدىنىڭىزدە ۋە شۇ يەرلىك ئورۇندا تۈك كۆپمۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-28 10:48:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك كۆپمۇ ئەمەس.سىزدىمەكچى بولغىنىڭىز تۈك خالتىسى ياللۇغى دىمەكچىمۇ؟دوختۇر تۈك خالتىسى ياللۇغى ئەمەس دىگەن.

ۋاقتى: 2012-12-28 16:06:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قان تازىلاش ئۈچۈن شاھتەررە شەربىتى، بۇزۇق يەلنى يوقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈچۈن ھەببە كىبرىت ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ. يەرلىك ئورۇنغا مەلھىمى خارىش (پاكىستاننىڭ دورىسى) نى چېپىپ بېرىڭ.

ۋاقتى: 2012-12-31 18:51:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئاقما يەنى ناسۇر بولىشى مۇمكىن بۇنىڭ ئۇچۇن چوقۇم يەرلىك ئورۇننى  تازلاش ئىچىدىن ھاببى سارتان ،مەجۇنى ئەفى،ھەببى سىماب قاتارلىك دورىلارنى ئىستىمال كىلىڭ ئامال بولسا دوختۇرخانىدا سىستىمىلىك داۋالىنىڭ.

ۋاقتى: 2013-1-1 17:44:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە ناسۇر ئەمەس.; {6 G; U) N' o9 S1 ^
مېنىڭچە بەدەننىڭ ئۈستى تەرىپىدىن چۈشىدىغان كېرەكسىز ماددىلار كۆپتەك قىلىدۇ. غالىپ ماددىغا قارىتا مۇنزىچ-مۇسھىل ئىچىپ ئاندىن ھەببى كىبرىت بىلەن چۆبىچىنى ئەلا يەپ باقسا قانداق بولار.....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش